خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى

خېلىدىن بېرى ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

2015979
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى خېلىدىن بېرى ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنمىگەچكە، قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى مۇدىرى ۋاڭ يىنى تەيىنلىدى.

بېيجىڭدا چاقىرىلغان 14- نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئۆزگەردى.

كومىتېت يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلارغا چىقمىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ۋاڭ يىنى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقى يى گاڭنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا پەن گوڭشىڭنى تەيىنلىدى.

خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئالاقىسى كۈچەيگەن بىر پەيتتە، بۈگۈن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ 25- ئىيۇندىن بۇيان ئامما ئارىسىدا كۆرۈنمەسلىكى دىققەتنى تارتقانىدى.

2022- يىلى 12- ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن چىن گاڭ، 25- ئىيۇن بېيجىڭدا سىرىلانكا، رۇسىيە ۋە ۋىيېتنام ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ئامما ئارىسىغا چىقمىغانىدى.

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا 11- ئىيۇلدىن 14 -ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا چىن گاڭنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسى مۇدىرى ۋاڭ يى قاتناشقانىدى.

چىن گاڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

چىن گاڭ يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېننىڭ 6- ئىيۇلدىن 9- ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان خىتاي زىيارىتى جەريانىدىكى يىغىنلارغا ھەمدە 10 – ئىيۇلدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى باش مىنىستىرى ماناسسېھ سوگاۋارېنىڭ سۆھبىتىگىمۇ قاتناشمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر