ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2001990
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تارقىتىلغان <رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقى> توغرىسىدىكى باياناتىدا: «دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، رۇسلار يوللىغان <شاھېد> ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ 28 ى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. ئىشغالچىلار زاپارىژيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا 7 دانە S-300 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتكەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا 45 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن 70 قېتىمغا يېقىن ئوق چىقارغانلىقى، ھۇجۇملار نەتىجىسىدە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسلارنىڭ دىققىتىنى ئاساسلىقى لىمان، باخمۇت، ئاۋدىۋىۋكا ۋە مارىنكا تەرەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە مەزكۇر رايونلاردا 45 ئايرىم توقۇنۇشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە رۇسىيە ئەسكەرلىرى مەركەزلەشكەن رايونلارنى 15 قېتىم بومباردىمان قىلغانلىقى، ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭمۇ رۇسلارنىڭ ئۈچ قوماندانلىق مەركىزى، 10 ئەسكەر ۋە ئۈسكۈنە توپلاش مەيدانى، ئىككى ئوق - دورا ئىسكىلاتى، بىر يېقىلغۇ باكى، ئۈچ ھاۋا مۇداپىئە ماشىنىسى ۋە ئىككى مۇھىم ئەسلىھەسىگە زەربە بەرگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر