ھايتىدا مەھبۇسلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا دۇچار بولماقتا

كارائىب دېڭىزى دۆلىتى ھايتىدا، تۈرمىلەردىكى قىستاڭچىلىق سەۋېەبىدىن، مەھبۇسلار بولۇپمۇ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا.

1997094
ھايتىدا مەھبۇسلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا دۇچار بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى (2022) ھايتىدا 185 مەھبۇس قازا قىلغان بولۇپ، بۇ يىل (2023) نىڭ بېشىدىن بۇيان 20 دىن ئارتۇق مەھبۇس قازا قىلغان.

پايتەختتىكى تۈرمىدە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مەھبۇسلارنىڭ يېتەرلىك غەمخورلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكى، كۆپىنچىسىنىڭ كۈندۈزى سۇ ۋە يېمەكلىكتىن مەھرۇم قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەھبۇسلارنىڭ ياتىدىغان جايى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېچىنى ئۆرە تۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى، نورمالدا تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى 48 سائەت بولسىمۇ، ھايتىدا بۇنىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلماقتا.

دوكلاتتا، ھايتىدىكى مەھبۇسلارنىڭ %80 نىڭ سوتلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسا، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ سوتقا چىقىرىلىشى ئۈچۈن بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى يېمەكلىك ۋە سۇ ئېلىپ كېلىدۇ دېگەندىمۇ، تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشالمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر