ھىندونېزىيەدە يۈزلىگەن دوختۇر ۋە سېسترالار نامايىش ئۆتكۈزدى

ھىندونېزىيەدە يۈزلىگەن دوختۇر ۋە سېسترالار ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنىڭ، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1996281
ھىندونېزىيەدە يۈزلىگەن دوختۇر ۋە سېسترالار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «Tribune» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسانغاندا، ھىندونېزىيە سەھىيە خادىملىرى پايتەخت جاكارتادىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولغان.

قانۇن لايىھەسىنىڭ بىمارلارنىڭ سەھىيە خادىملىرىغا قارشى جىنايەت ئەرزى سۇنۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوختۇرلار ۋە سېستىرالار ئەندىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ھىندونېزىيە دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى بېنى ساترىيا بۇ تەكلىپكە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئەگەر ھۆكۈمەت تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىسا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ھىندونېزىيە دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئادىب خۇمەيدى: «ئەگەر بۇ ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ سەھىيە مەنپەئەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان يېڭى سەھىيە قانۇن لايىھەسىدىن كېلىپ چىققان ئەندىشىلىرىمىزنى ۋە تەلەپلىرىمىزنى قاندۇرالمىسا، بۇ نامايىش ھەرىكىتى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

سەھىيە خادىملىرى كەمچىل بولغان رايونلاردا چەت ئەلدىن خادىم قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپى، بىمارلارنىڭ «خاتا دورا» ياكى «داۋالاش جەريانىدا خاتا مەشغۇلات» سەۋەبىدىن سەھىيە خادىملىرىغا قارشى جىنايەت ئەرزى قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر