زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللىشىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى بىلەن، تىنچلىقپەرۋەر، ئەركىن ۋە بىر گەۋدىلەشكەن بۈيۈك ياۋروپا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1952875
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى نامزاتلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن —ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ 5-كۈنى — ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «نامزاتلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق. بۇ يىل ئەزالىق سۆھبەتلىرىنى باشلاش ئۈچۈن قارار چىقىرىش ۋاقتى» دېدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن، <تىنچلىقپەرۋەر، ئەركىن ۋە بىر گەۋدىلەشكەن بۈيۈك ياۋروپا قۇرۇلۇشى مۇكەممەللىشىدۇ. كۈرەشتە بىرلىكتىمىز، بۇ غەلىبىدىمۇ بىرلىكتە بولىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ياشىسۇن ياۋروپا، ياشىسۇن ئەركىنلىك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر