ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارار لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەگە قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى قارار لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1951445
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارار لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شىۋېتسىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتەرنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە 10- قېتىملىق موسكۋاغا جازا يۈرگۈزۈش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېڭى جازا يۈرگۈزۈش پىلانىنىڭ ئۆزەكلەر ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، جازانىڭ ئۇرۇشقا ھەمدەم بولىدىغان، تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ياكى رۇسىيەنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شەخس ۋە ئورگانلارغا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ — ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۇزىراپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر — ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ قېتىمقى جازالارنىڭ تەپسىلاتلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا  ئورۇن بېرىلمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە تەييارلىغان جازا يۈرگۈزۈش پىلانى، رۇسىيە ئىقتىسادىنى ھالقىلىق تېخنىكا ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، 11 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېڭى سودا چەكلىمىسى پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى كونترول قىلىش بىلەن رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە قوشۇمچە چەكلىمىلەرنى قويۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر