ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاركانساس ئىشتاتىدا قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1950458
ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «‹ CBS News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ  فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، « Beech BE20» تىپلىق قوش موتورلۇق كىچىك ئايروپىلان  تۈنۈگۈن چۈش تەرەپلەردە  لىتل روك رايونىغا جايلاشقان بىل ۋە ھىلارى كلىنتون دۆلەتلىك ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ  ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدىكى جون گلېن كولۇمبۇس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ قوزغالغان ئايروپىلاندىكى 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى CTEH نىڭ «‹ CBS News› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلاندىكى ئۇچقۇچى قاتارلىق 5 كىشىنىڭ ھەممىسى CTEH نىڭ لىتل روك شۆبىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر