ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييارمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1944656
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل، قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

چارلېز مىشېل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باشلانغۇچىنى، تۈركىيەدە 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئايرىدى.

ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئىرادىمىز قەتئىي.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان بىر مەكتۇپ يوللغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە  يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، يېقىندا بىريۇسسېلدا ئىئانە قىلغۇچىلار يىغىنى چاقىرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى باشلىقلار يىغىنىنى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنىۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلىغان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئورتاق مەكتۇپ يوللىغانىدى.

رەھبەرلەر مەكتۇپتا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر