ئىراندىكى  قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7 گە ئۆرلىدى

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئىزە شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7 گە ئۆرلىدى.

1907403
ئىراندىكى  قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7 گە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاھۋاز چۇندىشاپۇر سەھىيە پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىب خەيبەر ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن (16-نويابىر) كەچتە خەلققە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 7 گە ئۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىرانلىق مەسئۇل، بۇ ھۇجۇمدا 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇزىستان باش تەپتىشى ئەلى دەھقانى ھۇجۇمغا چېتىشلىق 3 كىشىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھۇزىستان ئۆلكىسىدە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئىزە شەھىرىدە تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ماھسا ئەمىنىنى نامايىشى جەريانىدا، موتوسىكلىت مىنگەن ئىككى كىشى نامايىشچىلارنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئوققا تۇتقان ئىدى.

ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە  5 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەركىزى نورۋېگىيەگە جايلاشقان ئىران كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى (IHR) ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشنى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 342 كە يەتكەنلىكىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نامايىشچى مەھبۇسلار سانىنىڭ 5 كە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پايتەخت تېھراندا 13 – سىنتەبىردە «ئەخلاق ساقچىلىرى» تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ھۇشىدىن كەتكەن ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16- -سېنتەبىردە ۋاپات بولۇشى، ئىران مىقياسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر