ئىران ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى

ئىران ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «دىجىتال ئۇل- ئەسلىھەلىرىمىزگە تور ھۇجۇمى قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن 7 - ئايدا (2022) تېھران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى قارارىنى ئەيىبلىدى.

1877353
ئىران ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا: «ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېھرانغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز، بۇنداق ئەيىبلەشلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىران بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشمۇ ئورۇنسىز» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىراننىڭ تور ھۇجۇمىغا دۇچار بولغان دۆلەتلەردىن بىرسى ئىكەنلىكى  تەكىتلىنىپ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ تور بوشلۇقىنى باشقا دۆلەتنىڭ ھالقىلىق دىجىتال ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى رەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىرانغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ تارقىلىشىدا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ رولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇقنى ۋە پىتنىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر