گېرمانىيە باش مىنىستىرى زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1877518
گېرمانىيە باش مىنىستىرى زېلېنىسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي، ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتنى قايتا قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەمدە بولۇش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

شولز، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي جەھەتتىكىگە ئوخشاشلا سىياسىي، مالىيە ۋە ئىنسانىي جەھەتتىنمۇ قوللاشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئىككى رەھبەر، زاپورىجيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە قىلىنىشى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ دوكلاتى ۋە تەۋسىيە قىلىنغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر