نورۋېگىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا بىر كىشى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقىرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 14 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

1848063
نورۋېگىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا ساقچىلار بىلەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ بىردىنبىر سادىر قىلغۇچىسى دەپ قارالغان كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر