ئامېرىكا رۇسىيەنى تېررورىزمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رۇسىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1819517
ئامېرىكا رۇسىيەنى تېررورىزمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن كېڭەش پالاتاسىدىكى خامچوت يىغىنىدا، 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ «رۇسىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئويلاۋاتامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز بۇنىڭغا قاراۋاتىمىز، ئادۋوكاتلىرىمىز بۇنداق بىر قەدەمنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما ماڭا نىسبەتەن، رۇسلارنىڭ ئۇكرائىنانى تېررورلاشتۇرغانلىقىدا شەك يوق» دېدى.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئۇكرائىنادا ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گراھام، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يۆنىلىشتە تاشلايدىغان ھەر قانداق قەدىمىنى پۈتكۈل كېڭەش پالاتاسىنىڭ تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە قايتىدىن كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئانتونى بلىنكېن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ توڭلىتىلغان رۇسىيە مەبلىغىنى مۇسادىرە قىلىش – قىلماسلىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە، ۋاشىنگتوننىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە موسكۋا ھۆكۈمىتىگە يېڭى جازالارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلا بولسا، رۇسىيەگە قارشى جازا دولقۇنلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر