رۇسىيە ئۇكرائىناغا قورال يۆتكىگەن ئامېرىكا ۋە ناتو ئاپتوموبىللىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە ئۇكرائىناغا قورال يۆتكىگەن ئامېرىكا ۋە ناتو ئاپتوموبىللىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1812082
رۇسىيە ئۇكرائىناغا قورال يۆتكىگەن ئامېرىكا ۋە ناتو ئاپتوموبىللىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ، موسكۋانىڭ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا قورال يۆتكىگەن ئاپتوموبىللىرىنى «قانۇنلۇق ھەربىي زەربە بېرىش ئوبيېكتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي رىيابكوۋ رۇسىيە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتى توغرسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان رىيابكوۋ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئالاقە ئورنىتىشنىڭ «مەنىسىز» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئامېرىكالىقلار ۋە باشقا غەربلىكلەرگە ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى ئاستىلىتىش، رۇس ھەربىي قىسىملىرىغا ۋە دونېتسىك بىلەن لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش جەريانىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۇلارنى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا قاتنىغان ئامېرىكا-ناتو قوراللىق ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەربىي زەربە بېرىش ئوبيېكتى دەپ قارىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، ئەگەر ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كىيېۋ قاتارلىق قارار چىقىرىش مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگور كوناشېنكوف، ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر بۇ خىل ئەھۋاللار داۋاملاشسا، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى ھازىرغىچە يىراق تۇرغان كىيېۋ قاتارلىق قارار چىقىرىش مەركەزلىرىگە زەربە بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندىرى يېرماك، پايتەخت كىيېۋغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى تەھدىتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارىتا تەييارمىز، رۇسىيەنىڭ بىرمۇ سېنارىيەسى كارغا كەلمەيدۇ. كرېمىل پەقەت ئۇلارغا جاۋاب بەرمىگەن پۇقرالارغا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. رۇسىيە كەلگۈسىدە بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا خەلقئارا سوتتا جاۋاب بېرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر