رۇسىيە تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىدا مەشىق مانېۋىرى باشلىدى

رۇسىيە مەركىزى ھەربىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى، تاجىكىستاندىكى رۇس قىسىملىرىنىڭ مەشىق مانېۋىرى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1795656
رۇسىيە تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىدا مەشىق مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەركىزى ھەربىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، بازىنىڭ «ھەربىي مايدان» مەشىق رايونىدا باشلانغان مانېۋىرغا 1000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە تىك ئۇچارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 گە يېقىن ھەربىي ماشىنىنىڭ ئىشىتراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئەسكەرلەر دىققىتىنى قانۇنسىز قوراللىق گۇرۇپپىلارنى بايقاپ يوقىتىش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرىدىكەن. مانېۋىر دائىرىسىدە يەنە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ۋە رازۋېدكا قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن.

18-مارتقىچە داۋاملىشىدىغان مانېۋىرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارى، شۇنداقلا تاكتىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداش، رازۋېدكا قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ماھارەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ 7000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تاجىكىستاننىڭ دۇشەنبە ۋە بوختار شەھەرلىرىگە جايلاشقان ھەربىي بازىلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، 2042 – يىلغىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر