پۇتىن رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1784106
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن بۈگۈن (24-فېۋرال) ئەتىگەندە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئاتالمىش ھۆكۈمەتلەرنىڭ رۇسىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇنىڭغا ئاساسەن، ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا قارار قىلدىم. بۇ ھەرىكەت سەككىز يىلدىن بۇيان كىيېۋ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خورلىنىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. رۇسىيەلىكلەرنى ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلىنغان نۇرغۇن قانلىق جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنانىڭ ناتسىسىزم ۋە مىلىتارىزمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.