ب د ت: ئالاقىدار تەرەپلەرنى كەڭ كۆلەملىك رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى...

1782631
ب د ت: ئالاقىدار تەرەپلەرنى كەڭ كۆلەملىك رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلار ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى روزېمارى دىكارلو، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئاچقان جىددىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رايوندىكى خەتەرلىك ئۆزگىرىشلەردىن ئىنتايىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالدىمىزدىكى سائەتلەر ۋە كۈنلەر ئىنتايىن مۇھىم. چوڭ توقۇنۇش خەۋپىنىڭ بارلىقى ئەمەلىيەت. بۇنىڭدىن بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ساقلىنىش كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دىكارلو، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە «تىنچلىق ساقلىغۇچىلار» دېگەن نام ئاستىدا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ئېغىر دەرىجىدە ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ، رايوندىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق  قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سۆھبەتلەرگە كۆرسەتكۈسى تەسىرىدىنمۇ كۈچلۈك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى شارائىتتا رايون خاراكتىرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن كەچتە ئاتالمىش ​​«دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى»نى ئېتىراپ قىلىش پەرمانىغا ئىمزا قويغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر