دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەر ۋاپات بولدى

دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەر ئىسپانىيەلىك ساتۇرنىنو دې لا فۇئېرتې 113 ياشقا كىرىشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا ۋاپات بولدى.

1764800
دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەر ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «EFE» نىڭ خەۋىرىدە، تۈنۈگۈن ئۆيىدە قازا قىلغان ساتۇرنىنو دې لا فۇئېرتېنىڭ ئەگەر ياشىغان بولسا، 12-فېۋرالدا 113 ياشقا كىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە دې لا فۇئېرتېنىڭ 10-سېنتەبىردە 112 ياش ۋە 211 كۈنلۈك ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن جىننېس دۇنيا رېكورتلىرى كىتابىغا «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم» سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دې لا فۇئېرتې ئىسپانىيەدە 13 - پادىشاھ ئالفونسو (1886-1941) دەۋرىدە تۇغۇلغان، 1918-يىلدىكى ئىسپانىيە زۇكىمى، 1923-يىلدىكى پرىمو دې رىۋىرا دىكتاتۇرلۇقى دەۋرى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت (1931-1939)  دەۋرى، ئىچكى ئۇرۇش (1936-1939) ۋە دىكتاتۇر فىرانكو دەۋرلىرىدە (1975-1939) ياشىغان بولۇپ، لېئون شەھىرىدە كوۋىد -19 ۋاكسىناسى ئەملەنگەن تۇنجى كىشى بولغان ئىدى.

8 بالىسى، 14 نەۋرىسى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ 22 بالىسى بولغان دې لا فۇئېرتېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر