نىگېرىيەدە بىر چېركاۋ ئۆرۈلۈپ چۈشتى

نىگېرىيەنىڭ دېلتا ئىشتاتىدا ئۈچ قەۋەتلىك چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

1761226
نىگېرىيەدە بىر چېركاۋ ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دېلتا ئىشتاتىنىڭ سەھىيە كومىسسارى ئونونۋې موردى (Ononye Mordi) ئىشتاتنىڭ ئوكپانام رايونىدا ئۈچ قەۋەتلىك بىر چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خارابىلىك ئاستىدا 10 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، سەككىز كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندە چېركاۋدا 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر