تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كەركۈكتىكى ھۇجۇمىدا جەمئىي 12  ساقچى قازا قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك رايونىنىڭ داكۇك رايونىغا يېقىن جايدىكى ئىراق فېدېراتسىيە ساقچىلىرىغا تەۋە كۆزىتىش نۇقتىسىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، 12ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1702744
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كەركۈكتىكى ھۇجۇمىدا جەمئىي 12  ساقچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدىن كېيىن رايونغا يوللانغان ھەربىي ماشىنىلار ئەترىتى ئوتۇۋاتقان پەيتتە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلارنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پارتىلىتىلىشى نەتىجىسىدە يەنە 10 ساقچى قازا قىلدى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتتا ، ئىراق فېدېراتسىيە ساقچى قىسمىنىڭ جەنۇبتىكى داكۇك رايونىنىڭ رېشاد تارماق رايونىغا يېقىن جايدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ھۇجۇمدا 2 ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە رايونغا ئەۋەتىلگەن ياردەمچى قىسىمنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلارنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پارتىلىتىلىشى نەتىجىسىدە يەنە 10 ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدىن كېيىن، رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014-يىلى ئىيۇندا ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان ئىدى. بۇ رايونلار بىر قانچە يىل  ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

مەزكۇر ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ھازىرمۇ پات- پات دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى يۈز بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر