ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر سۇگا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 29 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان رەھبەرلىك سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە كېلەر ھەپتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان سۇگا، قالغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرىشىگە ئايرىيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كيودو ئاگېنتلىقى، سۇگانىڭ رەسمىي باياناتىنىڭ، «ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ياپونىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (NHK) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى باش كاتىپى نىكاي توشىھىرو بىلەن كۆرۈشكەن سۇگا، يېقىن – يورۇقلىرىغا سايلامغا قاتنىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.