ئامېرىكا ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ مۇئەسسەسەلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق ۋە سۈرىيە چېگرا رايونىدا ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار ئىشلىتىۋاتقان مۇئەسسەسەلەرنى بومباردىمان قىلدى.
1665881
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، بومباردىماندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن مۇداپىئە مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدە 2، ئىراقتا 1 نۇقتىدا ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار ئىشلىۋاتقان مۇئەسسەسەلەر ۋە قورال – ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى، بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ، ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ۋە مۇئەسسەسەلىرىگە قارىتا ئىنسانسىز ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى.»