بوزقىر پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋولقان بوزقىر پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.

1647220
بوزقىر پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولقان بوزقىر، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئبابادتىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا ئىمران خان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى، سىجىل تەرەققىيات، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق، ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى، پەلەستىن ۋە كەشمىر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

پاكىستان باش مىنىستىر ئىمران خان، ۋولقان بوزقىرنىڭ پەلەستىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا ئوينىغان رلىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىدىن كېيىن، تىنچلىق مۇساپىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرى ھەم ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم پىلانى ئاساسىدا، ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك چارىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىغا قارىتا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر