تەيۋەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتتى

تەيۋەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە ئىتۇ ئابا ئارىلىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1603149
تەيۋەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇ-چېڭ تەيۋەن پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇرۇش باشلاش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەيۋەننىڭ تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە ئىتۇ ئابا ئارىلىدىكى ھەربىي خادىم ۋە ئۈسكۈنە سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەيۋەن قۇرۇپ چىقماقچى بولغان يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتى فىلوسىدا ئىشلىتىلىدىغان سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چيۇ، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننىڭ ئاساسلىق قورال مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئەھۋالنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رەھبەرلىكى مەزگىلىدىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئۇلار ئۇرۇش باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھەر قانداق ۋاقىتتا تەييار بولۇش» دەپ جاۋاب بەردى.
چيۇ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا دائىم دەخلى- تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى ھالسىتىرىش جېڭىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تەيۋەن كونتروللۇقىدىكى ئىتۇ ئابا ئارىلى تەيپىڭ ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي، ۋيېتنام ۋە فىلىپپىنمۇ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ئارال، تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق قىسىملار ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر