ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان قەرزىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۆلەيدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1585811
ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان قەرزىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋە ۋاكسىنىغا باراۋەرلىك ئاساسىدا ئېرىشىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تارقىتىشتا، دۇنيا مىقياسىدا شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك سەھىيە سىستېمىلىرى بەرپا قىلىشتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ۋاكسىنا پىلانى بولغان «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسى پىروگراممىسى  (COVAX) غا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بولغان 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۆلەشنى پىلانلىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر