يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 877 مىڭ 410 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 86 مىليون 899 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 61 مىليون 623 مىڭدىن ھالقىدى.

1558463
يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزىي بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 365 مىڭ 664 تىن ئاشتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 21 مىليون 579 مىڭ 641 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە جېنىدىن ئايرىلغان 629 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 76 مىڭ 329 غا، ئوخشاش ۋاقىتتا يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 15 مىڭ 378 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون 181 مىڭ 619 غا يەتتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 830 ئادەمنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 76 مىڭ 305 كە، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇم بايقالغان 60 مىڭ 916 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون 774 مىڭ 479 غا يەتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەنگلىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلىش نىسبىتى %45.3، يۇقۇملىنىش نىسبىتى %119 ئېشىپ كەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 346 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 66 مىڭ 282 گە يەتتى. يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 20 مىڭ 489 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى مىليون 680 مىڭ 239 غا يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن 31 مىڭ 180 ئادەم قازا قىلغان، بىر مىليون 814 مىڭ 565 كىشىدە يۇقۇم بايقالغان گېرمانىيەدە يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، 16 – دېكابىردا يولغا قويۇلغان يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى 31 – يانۋارغىچە ئۇزارتىلدى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 1420 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 172 مىڭ 779 غا يەتكەن دانىيەدە، خەۋپ دەرىجىسى تۆتتىن بەشكە چىقىرىلدى.

44 مىڭ 426 ئادەم قازا قىلغان، بىر مىليون 702 مىڭ 966 كىشىدە يۇقۇم بايقالغان كولومبىيەدە ھۆكۈمەت ئامېرىكا دورا شىركىتى پفىزىر ئىشلەپچىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنىڭ دەرھال ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلدى.

11 مىڭ 826 ئادەم قازا قىلغان، 834 مىڭ 64 كىشىدە يۇقۇم بايقالغان گوللاندىيەدە، باش مىنىستىر مارك رۇتتې ھۆكۈمەت ۋاكسىنا ئەملەش ئىستراتېگىيەسىدە بىر قاتار خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «باشقا دۆلەتلەردىن ئىككى ھەپتە ئارقىدا قالغانلىقىمىز ئۈچۈن كەيپىياتىم ھەقىقەتەن بۇزۇلدى» دېدى.

يۇقۇم يەنە بىرازىلىيەدە 197 مىڭ 777؛ مېكسىكادا 128 مىڭ 822؛ ئىسپانىيەدە 51 مىڭ 430؛ ئارگېنتىنادا 43 مىڭ 785؛ پېرۇدا 37 مىڭ 925؛ پولشادا 29 مىڭ 502؛ بېلگىيەدە 19 مىڭ 750؛ ئۇكرائىنادا 19 مىڭ 129؛ چىلىدا 16 مىڭ 788؛ كانادادا 16 مىڭ 233؛ رومېنىيەدە 16 مىڭ 178؛ ئېكۋاتوردا 14 مىڭ 103؛ چېخىيەدە 12 مىڭ 257؛ ۋېنگىرىيەدە 10 مىڭ 80 كىشىنىڭ جېنىغا بولدى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 264 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 150 مىڭ 151 گە يەتتى. بۇ جەرياندا يەنە يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 18 مىڭ 88 كىشىنى قوشقانداق جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليون 375 مىڭ 478 گە يەتتى.

قازا قىلغانلار سانى ئۈچ مىڭ 489 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 455 مىڭ 144 كە يەتكەن ئىسرائىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن سەككىز مىڭ 308 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

جەنۇبىي قىبرىستا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 134 ئادەمنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 569 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 12 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 12 مىڭ 856 گە؛ يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 757 كىشىنى قوشقانداق جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 599 مىڭ 126 گە يەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە توققۇز كىشى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلدى، 104 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى ئالتە مىڭ 265 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 363 مىڭ 259 غا يەتتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 30 مىڭ 524 كە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 127 مىڭ 759 غا يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈچ مىڭ 655 ئادەم قازا قىلغان، 247 مىڭ 960 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغان ياپونىيەدە، كوۋىد – 19 مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى پايتەخت توكيو ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سېنېگالدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 428 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىڭ 964 كە يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى يەتتە مىڭ 670 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 517 مىڭ 920 گە يەتكەن باڭلادېشتا، ھۆكۈمەت ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن دورا شىركىتى ئاسترازېنېكا بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە توققۇز نەپىرى چەت ئەل مەنبەلىك بولۇپ جەمئىي 32 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى. ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا ھازىرغىچە تۆت مىڭ 634 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 87 مىڭ 215 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 20 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1027 گە يەتتى. يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 840 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 65 مىڭ 818 گە يەتتى.

ھىندونېزىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 23 مىڭ 109 غا، پاكىستاندا 10 مىڭ 461 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر