خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يېڭى ۋاقىتلىق ئەزالار سايلاندى

ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ھىندىستان، مېكسىكا ۋە كېنىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا سايلاندى.

1557355
خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يېڭى  ۋاقىتلىق ئەزالار سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا سايلانغان ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ھىندىستان، مېكسىكا ۋە كېنىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئورۇنلىرىنى ئالدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ئەزالىرى 2021-2022-يىللىق مەزگىلدە 15 ئەزاغا ئىگە كېڭەشنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ھىندىستان، مېكسىكا ۋە كېنىيە كېڭەشتە ئىككى يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشقان بېلگىيە، گېرمانىيە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، ھىندونېزىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئورنىغا ئۆتتى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يانۋار ئېيىدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ۋاقىتلىق ئەزالاردىن تۇنىس ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 15 ئەزاغا ئىگە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار. قالغان 10 ئەزا دۆلەت ب د ت نىڭ بەش جۇغراپىيەلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدىن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئىككى يىللىق ۋەزىپىگە سايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر