ياۋروپا - خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئەتە يىغىن چاقىرىپ، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1554093
ياۋروپا - خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2014- يىلى باشلانغان ياۋروپا- خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن كۆپ نەپ ئېلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر