ئازەزدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئازەز رايونىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا بىلەن قىلىنغان ئىككى ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى پۇقرا يارىلاندى.

1553962
ئازەزدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان ئازەز ناھىيە مەركىزىدىكى بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇلغان بومبا پارتلىدى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئەمما ماددىي زىيان كۆرۈلدى.

ئازەزنىڭ سوران بازىرىدا بولسا، بىر مىنىبۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ ئىككى پۇقرا يارىلاندى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى بومبىلىق ھۇجۇملارنى ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ھۇجۇملاردا پۇقرالار تالاپەتكە ئۇچرىغاچقا، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ي پ گ / پ ك ك تېررورچى ئۇنسۇرلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولغان تەلرىفات ناھىيەسى تەۋەلىكىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، پات – پاتلا باب، ئازەز، جەرابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىدا  تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر