ترامپ مودې، مورىسون ۋە ئابېغا شەرەپ ئوردېنى بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ نارېندرا مودى ، سىكوت موررىسون ۋە شىنزو ئابىغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي مېداللىرىنىڭ بىرى بولغان شەرەپ ئوردېنىنى بەردى.

1549868
ترامپ مودې، مورىسون ۋە ئابېغا شەرەپ ئوردېنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسون ۋە ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابىغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي مېداللىرىنىڭ بىرى بولغان شەرەپ ئوردېنىنى بەردى.

شەرەپ ئوردىېنلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ھىندىستان ، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە باش ئەلچىلىرىگە تەقدىم قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن تىۋىتتېر ھېسابىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ئامېرىكا - ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن «شەرەپ ئوردېنى» غا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوبرىئېن يەنە بىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون ۋە ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئابىنىڭمۇ شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر