تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ناھىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ھۇجۇمدا 3 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ 10 كىشى يارىلاندى.
1550042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارىياب ۋىلايىتىگە قاراشلىق دەۋلەت ئاباد ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 3 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
فارىياب ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇلكەرىم يۇرىش تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ دۆلەت ئابادنىڭ ناھىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبىنى پارتىلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلكەرىم يۇرىش پارتلاشتا 3 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 پۇقرانى قوشقاندا، جەمئىي 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە پارتلاشنىڭ شىددىتىدە رايوندىكى ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
تالىبان تەرەپ تېخىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.