سېنېگال ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى

سېنېگال ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى چېيخ گۇئېيې دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

1451914
سېنېگال ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگال مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مەتبۇئات باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت ماكي سال، گۇئېيېنى موستافا مباكېنىڭ ئورنىغا سېنېگالنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن.

«تۈركىيە دوستى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان چېيخ گۇئېيې پايتەخت داكاردىكى كاپ مانۇئېل ھەربىي رايونىدىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى تۈركچە تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر