بىرازىلىيەدە پىرېزىدېنت ماسكا تاقىمىسا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ

بىرازىلىيە سوت مەھمىسى پىرېزىدېنت جائىر بولسونارونىڭ ماسكا تاقىمىسا 500 دوللار پۇل جازاسى بېرىلىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقاردى.

1442149
بىرازىلىيەدە پىرېزىدېنت ماسكا تاقىمىسا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بىرازىلىيەدە، فېدېراتسىيە سوت مەھمىسى، پىرېزىدېنت جائىر بولسونارونىڭ خەلققە ئوچۇق ساھەلەردە ماسكا تاقىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا كۈنىگە 2 مىڭ بىرازىلىيە رېئالى (تەخمىنەن 500 دوللار) ئەتراپىدا پۇل جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقاردى. دۆلەتتە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 52 مىڭ 771 گە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 151 مىڭ 479 غا يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 123 مىڭ 476 گە، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 424 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، مەلۇم رايونلاردىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىدا كۆپىيىش كۆرتۈلۈۋاتقانلىقى ھەمدە خەۋپنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 793 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 23 مىڭ 377 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 191 مىڭ 410 غا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 171 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 42 مىڭ 927 گە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 316 مىڭ 210 غا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 18 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 34 مىڭ 675 كە يەتتى، بۇ  جەرياندا 122 كىشى يۇقۇملاندى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 57 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 720 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 198 مىڭ 672 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 14 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 28 مىڭ 325 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 246 مىڭ 752 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 6 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1540 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 39 مىڭ 737 گە يەتتى.

گېرمانىيەدە رھېدا – ۋېدېنبرۈك يېزىسىدا تۆننېس گۆش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان 1553 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىشىشى، قوشنا ۋارېندورف شەھىرىدىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، قايتىدىن مارت ئېيىدا قوللىنىلغان تەدبىرلەرگە قايتىلدى.

21 – ئىيۇن ئېتىبارى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1140 خادىمىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى، بۇلاردىن 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن دۆلەت ياكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مارت ئېيىدىن بۇيان ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورنې شەھىرىدە يەنە بىر كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، دۆلەتتە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 103 كە يەتتى، يۇقۇملانغان 7492 ئاۋسترالىيەلىكتىن 6 مىڭ 915 ى ساقايدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر