ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا مۇراسىم ھەدىيەسى يوللىدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو پايتەخت توكيودىكى تالاش-تارتىشلىق ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا مۇراسىم ھەدىيەسى يوللىدى.

1402385
ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا مۇراسىم ھەدىيەسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باھار بايرىمىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزونىڭ ئىشخانىسىغا ۋاكالىتەن ئىبادەتخانىغا سوۋغات ئەۋەتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىنزو ئابې ياپونيەدە ئىككى داۋاملىشىدىغان بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانسىىغا تەشتەككە قويۇلغان ماساكاكى گۈلى ھەدىيە قىلغان.

شىنزو ئابى ئەتىياز ۋە كۈز ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئىبادەتخانىغا ھەر خىل سوۋغاتلارنى يوللايدۇ؛ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش خاتىرە كۈنى، ھەر يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنىدە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنى ئەسلەپ، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىپ كېلىۋاتقان ئىبادەتخانىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ، 14 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى مۇقەددەس كىشىلەر دەپ ھېسابلىغانلىقى تۈپەيلى دەتالاشلىق ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

باش ۋەزىر شىنزو ئابى، دۆلىتىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، 5 يىلدىن بۇيان ئىبادەتخانىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر