تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە مالىدا بىر ھەربىي لاگېر نىشان قىلىنغان ۋە كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1382263
تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مالىنىڭ گاۋ رايونىدىكى بىر ھەربىي لاگېر نىشان قىلىنغان  ۋە كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا قاتتىق ئەيىبلەيمىز.  دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

مەزكۇر ھۇجۇمدا 29 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ئەسكەر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر