ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تالىبان ئەزالرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىدە بىر يېزىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1373909
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جەيلانى فەرھادنىڭ «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرىنىڭ كېشك رۇباتسانگى ناھىيەسىنىڭ خوجا نۇر يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 17 پۇقرا يارىلانغان.
تالىبان بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.