ناتو ئىدلىب ھۇجۇمىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جىددىي يىغىن چاقىردى.

1368415
ناتو ئىدلىب ھۇجۇمىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «ئىدلىب كۈنتەرتىپى» بىلەن دائىمىي ۋەكىللەر دەرىجىلىك شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرغان.

يىغىن دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى باساي ئۆزتۈركنىڭ يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە دوكلات سۇنۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ناتو ئەھدىنامىسىنىڭ 4 – ماددىسىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىلىپ، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەھدىنامىىنىڭ 4 – ماددىسىغا ئاساسەن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بىرەرسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ياكى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، بارلىق ئەزالاردىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

تۈركىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2015 – يىىل تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۇرۇچتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، 4 – ماددىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان، ناتو تۈركىيەنىڭ بۇ تەلىپىگە بىنائەن سۈرىيە سەۋەب بولۇۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەققىدە قارار ماقۇللىغانىدى.

بۇ دائىرىدە، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ۋە ردازۋېتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىشى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئەسكەرلەر سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئاخبارات، چارلاش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ قويۇقلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق بىرقاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر