ناتو تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىدلىب شەھىرىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئەنقەرەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1353157
ناتو تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 7 تۈرك ئەسكىرى بىلەن بىر پۇقرانىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشى ھەققىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشىدا تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردۇق.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي قارار چىقىرىش مىخانىزمى ھېسابلىنىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى، جىددىي پەيتلەردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا جىددىي يىغىن چاقىرىدىكەن.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىدلىبقا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە زاپاس قىسىملىرىىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 8 ئەسكەرنىڭ شدېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر