ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1340639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئادىلشاھ ئادىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلايەتنىڭ مەركىزى مازار شېرىف شەھىرىدە يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ئىككى بومبىنىڭ ئارقىمۇئارقا پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 كىشى يارىلانغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومبىلار بەلخ ناھىيەسى ھاكىمى گۈلباز خاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا پارتلىتىلغان.