ئامېرىكا - تالىبان تىنچلىق سۆھبىتى قاتاردا يېڭىدىن باشلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى توختاپ قالغان تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبەتلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا قايتىدىن باشلىدى.

1319661
ئامېرىكا - تالىبان تىنچلىق سۆھبىتى قاتاردا يېڭىدىن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار خەۋەر ئاگېنتلىقى – QNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندا مۇقىملىق ئورنىتىپ تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىدە، ئامېرىكا بىلەن تالىبان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان.

خەۋەردە، تەرەپلەرنىڭ، ئويناۋاتقان مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى، شۇ ۋەجىدىن بۇ جەھەتتە قاتارغا رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

سۆھبەتلەرنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتلەر «ئافغانىستان زېمىنلىرىنىڭ بولۇپمۇ تالىباننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بىخەتەر رايون بولماسلىقىغا كاپالەت قىلىش بەدىلىگە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن تەلتۈكۈس چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى» دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانىدى.

كابۇلدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىباننىڭ ئۈستىگە ئېلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 7 – سېنتەبىردە سۆھبەتلەرنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر