ئىراننىڭ يارىدىمى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبتا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى پاناھلاغۇچىلار لاگېرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا كۆپىنچىسى كېچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 12 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

1310144
ئىراننىڭ يارىدىمى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبتا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىلىسملىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ئىراننىڭ ياردىمى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ھەلەبنىڭ جەنۇبىدىكى ئەززان تېغىغا قۇرۇشقان بازىرىلىرىدىن ئىدلبتىكى لاگېرلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئاز دېگەندىمۇ 12 پۇقرا ئۆلۈپ، 40 پۇقرا يارىدار بولغان.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆزىتىش مەركىزىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئىراننىڭ ياردىمى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى كاھ يېزىسىدا ئۆي - ماكانسىز پاناھلانغۇچىلارنىڭ لاگېرلىرىغا باسقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ئىدلىبتىكى خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان چېدىر زىيانغا ئۇچرىدى.

ئىراننىڭ يارىدىمى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار بازا قىلغان ئاززان تېغىنىڭ كاھ يېزىسىدىن تەخمىنەن 50 كېلومېتىر ئۇزاقلىتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىراننىڭ يارىدىمى ئاستىدىكى تېررورچىلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا يارىدار بولغان 4 كىشى داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

يارىدارلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن جىلۋەگۆز چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ، رەيھانلى ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى. 

يارىدارلارنىڭ ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ بار بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بولۇمىدىكى دەسلەپكى داۋالاشتىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر