رۇسىيە ئىدلىبقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىغا تەۋە ئۇلتۇراق جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1307712
رۇسىيە ئىدلىبقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە تەۋە ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى مارتزىتە، ئۇرەينىبە ۋە ماررىتھىمە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

ئىدلىب پۇقرالارنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا مارزىتە يېزىسىدا 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

ئەسەد قىسىملىرى بولسا، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى كەفرەنبىل ناھيەسىنى، ھازارىن ۋە ماررەت ئەسسىن يېزىلىرىنى توپقا تۇتقاندىن باشقا يەنە راكىتامىيۇتلار بىلەن قۇرۇغلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر