سېررالىئون تۈركىيە پۇقرالىرىغا تاموژنا ئېغىزىدا ۋىزا بېرىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

سېررالىئون تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزىدا ۋىزا بېرىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1266432
سېررالىئون تۈركىيە پۇقرالىرىغا تاموژنا ئېغىزىدا ۋىزا بېرىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېررالىئون ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۆكۈمەت ۋەدىسىگە ئاساسەن، ساياھەتچى ياكى مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە دۆلەتكە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزىدا ۋىزا بېرىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.»

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ خىزمەتتىن تۈركىيە پۇقرالىرىدىن سىرت يەنە، سچېنگېن ئەللىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، كۇۋەيت، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىمۇ بەھرىمەن بولالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر