خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېقىن يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى

يەمەندىكى ئىران قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان خۇسىي قوراللىق كۈچلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىدا يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي لاگېرغا كاتۇشا راكېتامىيوتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1255597
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېقىن يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارغا تەۋە «ئەلمەسىرە» تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇسىي قوراللىق كۈچلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجران ۋىلايىتى چېگراسىغا يىقىن جايدا يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش لاگېرىغا كاتۇشا راكېتامىيوتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا نىشاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، ئوق - دورا ئىشكىلاتلىرى ۋەيران قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق سان بېرىلمىدى.

ۋەقەگە دائىر يەمەن ئارمىيەسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىم تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر