ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى: تۈركىيە ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئەندىشە پەيدا قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېفان دۇجاررىك، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۈنۈگۈن تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1255280
ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى: تۈركىيە ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئەندىشە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىتېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىدلىبتىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈرك ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ھۇجۇم پەيدا قىلغان تالاپەتنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىدلىبتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پەقەت بىر ئىنسانىي مەسىلىلا ئەمەس، ئۇ شۇنداقلا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىنمۇ كۈچلۈك خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ب د ت، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا جىددىيچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە تەرەپلەرنى رۇسىيە بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى ھاسىل قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى 9 – نومۇرلۇق كۆزىتىش ئورنىغا كېتىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۈنۈگۈن ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان؛ ۋەقەدە 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 12 پۇقرا يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر