رۇسىيەدىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

رۇسىيەنىڭ ئاچىنسك شەھىرىگە جايلاشقان بىر ھەربىي بازىنىڭ قورال - ياراغ – ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى.

1251696
رۇسىيەدىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كراسنويارسك رايونىغا جايلاشقان ئاچىنسك شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 33 كىشى يارىلانغان.

ئاچىنىسك شەھىرىدىكى ھەربىي بازىنىڭ قورال - ياراغ – ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا ئۆتكەن ھەپتە پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنىڭ ئارھانگېلسك رايونىغا جايلاشقان سېۋېرودۋىنسك شەھىرىدىكى يەنە بىر ھەربىي بازىدىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ موتورى سىناق قىلىنىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 5 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر