بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىداما يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 1 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

1247873
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىكى خان شەيخۇن ناھىيەسىنىڭ بىداما بازىرىنى، ھامانىڭ شىمالىدىكى كەفەر زىتا بىلەن لاتامىنې ناھىيەلىرىنى ۋە زەكات يېزىسىنى توپ، راكېتا ۋە مېنامىيوتلار بىلەن بومباردىمان قىلدى.

سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىبنىڭ غەربىدىكى بىداما بومباردىمانىدا، بىر ئايال جېنىدىن ئايرىلغان، بەش كىشى يارىلانغان.

2018-يىلى 17-سېنتەبىر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئىدلىب كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىزچىل كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى كېلىشىم ئىمزالانغاندىن تارتىپ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 750 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ 2019-يىلى 26-ئاپرېلدىن 27-ئىيۇلغىچە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھەر خىل ھۇجۇملىرىدا، 208 كىچىك بالا، 140 ئايال بولۇپ 781 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر