«تۈركىيە ئارمىيەسى ناتودىكى 2 – چوڭ ئارمىيە»

تۈركىيەنىڭ رىم باش ئەلچىسى مۇرات سالىم ئەسەنلى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە ھەمىشە ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى  ئىككىنچى چوڭ ئارمىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1239337
«تۈركىيە ئارمىيەسى ناتودىكى 2 – چوڭ ئارمىيە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەنلى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئەسى ئالىي تېخنىكومى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، 33 دۆلەتتىن پولكوۋنىك ۋە پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ھەربىيلەر ھەم پۇقراۋى دائىرىلەر ئىشتىراك قىلغان  134 – قارارلىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە ھەمىشە ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى  ئىككىنچى چوڭ ئارمىيە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، سىياسىي ۋە ھەربىي بىر تەشكىلات بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسلىنىدىغان تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. تەپسىلىي سېنارىيەلەرگە قارىماي 15 – 20 يىل بۇرۇنغىچە ھېچكىمنىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى تەخمىن قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئەسەنلى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالىغانلىقىنى قەيت قىلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئېيتقاندكك، ناتونىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ غالىب تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەم نامايەن قىلىۋاتقان پىداكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر