ترامپتىن جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تۈركىيە دەۋىتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيە ۋە «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەشھۇر پالاتا ئەزالىرىنى ئاقسارايغا دەۋەت قىلدى.

1239211
ترامپتىن جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تۈركىيە دەۋىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Washington Post › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،   ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيە ۋە «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەشھۇر پالاتا ئەزالىرىنى ئاقسارايغا دەۋەت قىلغان بولۇپ، ئۇچرىىش سەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16 دا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ترامپ تۈركىيە ھەققىدە ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا خاتا سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا، «تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزەمسىز؟» تەرىقىسىدىكى بىر سوئالغا، «ياق، ھازىر بىزنىڭ بۇنداق قىلىش نىيىتىمىز يوق» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

ئالدىنقى كۈنى ئاقساراي ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى بولمايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ھازىرمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر