ناتو: تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز F-35 لەردىنمۇ كەڭ دائىرىگە ئىگە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ F-35 لەردىن ھالقىيدىغان دەرىجىدە چوڭقۇرلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1238193
ناتو: تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز F-35 لەردىنمۇ كەڭ دائىرىگە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسپېن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق خەۋپسىزلىك يىغىنىغا ئشىتىراك قىلغان يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س-400 سېتىۋېلىش مۇساپىسىنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكلىرىنى ۋە مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «قايسى خىلدىكى مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشنى ھەر دۆلەت ئۆزى قارار قىلىدۇ. بىراق، ناتوغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى (بۇ سىستېمىلارنىڭ ناتو سىستېملىرى بىلەن) ماس ھالەتتە ئىشلەپ – ئىشلىمەيدىغانلىقىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە، «تۈركىيە سېتىۋالغان س-400 سىستېمىلىرى ناتونىڭ مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى بۇلار بىرلىكتە ئىشلەيدىغان سىستېمىلار ئەمەس. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭمۇ بۇنداق بىر تەلىپى يوق» دېدى.

«تۈركىيەنىڭ ناتوغا قوشىدىغان تۆھپىسى ۋە ناتونىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقى، F-35 لەردىنمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىكتۇر» دېگەن ستولتېنبېرگ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتىكى ھالقىلىق بىر ئىتتىپاقداش بولغان تۈركىيەنىڭ يەنە بالقان رايونى، كوسوۋو ۋە ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ناتو ھەرىكەتلىرىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر ناتو ئىتتىپاقدېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە، س-400 دىن ھالقىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركىيە ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ماس بىر پارچىسى ئىدى، شۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ياكى ئىتالىيە – فىرانسىيە شېرىكچىلىكىدىكى Eurosam دىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان يېنس ستولتېنبېرگ، بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە , #ناتو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر